ئۇزدىل تورىغا خۇشكەلدىڭىز!

mardan49455

مۇلازىمەت

ئۇزدىل تورى 2009-يىلى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، ئون نەچچە يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا ئىزدەش ماتورى، ئېلان ھەمكارلىقى، سىستېما يەرلىكلەشتۈرۈش، سالون قۇرۇش، ئەپچاق ئېچىش ۋە تور تېخنىكا دەرسلىكى ئىشلەپ تارقىتىش قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە مۇستەقىل تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى نامايەن قىلىپ، كومپىيۇتېر ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى، ئېلان قىلغان سىن دەرسلىكلىرىمىز كۆپچىلىكنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

نۆۋەتتە 2012-يىلى ئېلان قىلغان HTML بەلگە تىلى، CSS ئۇسلۇب قۇرۇلمىسى، PHP مۇلازىمىتىر پروگرامما تىلى يۈرۈشلۈك دەرسلىكلىرى، شۇنداقلا 2022-يىلى تېڭشۈن تور دەرسخانىسىدا ئېلان قىلىنغان JavaScript تەگكود تىلى، C تىلى، Java تىلى، Python تىلى ۋە ئويۇن دىتالى تۈزۈش دەرسلىكلىرىمىز تورداشلارغا تەمىنلەندى.

دەرسلىكلەرنى مۇقىم كۆرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىشەنچلىك تور دىسكا سۇپىلىرى ئارقىلىق ئەسلى ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ كومپىيۇتېر ياكى يانفوندا خالىغانچە كۆرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق.

دەرسلىك