ئۇزدىل تورى 2009-يىلى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، ئون نەچچە يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا ئىزدەش ماتورى، ئېلان ھەمكارلىقى، سىستېما يەرلىكلەشتۈرۈش، سالون قۇرۇش، ئەپچاق ئېچىش ۋە تور تېخنىكا دەرسلىكى ئىشلەپ تارقىتىش قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە مۇستەقىل تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى نامايەن قىلىپ، كومپىيۇتېر ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى، ئېلان قىلغان سىن دەرسلىكلىرىمىز كۆپچىلىكنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
دەرسلىكلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە نۇرغۇنلىغان تېخنىكا ئۇستىلىرىنىڭ ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە تەمىنلىگەن قىممەتلىك كۆرسەتمىسى ۋە كەڭ تېخنىكا ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق زور كۈچ بىلەن قوللاپ بېرىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
نۆۋەتتە بارلىق بايلىق ئەۋزەللىكلىرىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى كەڭ تېخنىكا ھەۋەسكارلىرى دوستلىرىمىزغا قولايلىق بولغان ئۆگېنىش مۇھىتى ھازىرلاش ئۈچۈن ئاتلاندۇق.
بىزنىڭ كەلگۈسى نىشانىمىز تېخنىكا ساھەسىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ سۈنئىي ئىدراك، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، تور بىخەتەرلىكى ۋە نەرسە تورى قاتارلىق ساھەلەرگە يۈرۈش قىلىش!